9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى دىن خىزمىتى كادىرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى، كۆپچىلىكنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈش نەق مەيدانىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، پات - پات ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
شى جىنپىڭ يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى ۋەكىللىرى، دىنىي ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى دىن خىزمىتى كادىرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا سەمىمىي كۆرۈشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى شاڭشياۋدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسىم ئىلغارلار - نەمۇنىچىلار، مەمۇرىي خادىملار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شۆھرەت زاكىر، شېن يىچىن، ۋاڭ دۇڭفېڭ ۋە ليۇ جېنلى، شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان پېشقەدەم يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئالاقىدار كۆرۈشۈشلەرگە قاتناشتى.