شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، شىنخۇا تورى سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.