□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما چەكسىز بەخت ۋە ئىللىقلىققا چۆمدى.
سەمىمىي غەمخورلۇق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، غايەت زور ئىلھام جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، غەمخورلۇقىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، باش شۇجىدىن مىننەتدار بولۇپ: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى بىزگە كوممۇنىستىك پارتىيە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يارىتىپ بەرگەن»
ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممە يېرى مول ھوسۇل شادلىقىغا تولغانىدى. 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا داقا - دۇمباق ساداسى ياڭراپ، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرى چىرايلىق كىيىنىپ، قىزىل بايراق ۋە رەڭدار گۈلدەستىلەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شادىيانە ئۇسسۇل ئويناپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 80 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پەرىزات زۇلپىقار باش شۇجىغا گۈل تەقدىم قىلدى، «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا شى بوۋامنى كۆرۈشۈم، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەر بولۇپ قالىدۇ».
ئايروپورتتىن تۇرار جايغىچە بولغان يول بويىدىكى ئاساسلىق كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ھەر مىللەت ئامما قوللىرىدا قىزىل بايراق تۇتۇپ، بىرلىكتە تەنتەنە قىلىپ، قارشى ئېلىش ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئېربولات ئاۋغانباي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى بىزگە كوممۇنىستىك پارتىيە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يارىتىپ بەردى. پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى».
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
«خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى بايەكە كەلدىبېك ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد پامىر ئېگىزلىكىدە ۋەتەن چېگراسىنى قوغداپ كەلدى. ئۇ ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندا چارلاش ئەترىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ يول باشلاپ، 30 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، چارلاش ئەترىتىنىڭ نەزەرىدىكى «تىرىك خەرىتە» بولۇپ قالدى.
«باش شۇجىنىڭ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، باش شۇجىنى يەنە كۆرىدىغانلىقىمنى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغانلىقىمنى تېخىمۇ ئويلاپ باقماپتىمەن.» بايەكە كەلدىبېك مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ قولى ئىللىق، كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان بولۇپ، كىشىگە كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلايدىكەن. مەن نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداشقا چاقىرىمەن».
11 يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ، كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىگە كىردى، باش شۇجىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئابدۇقېيۇمنىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە ئىدى.
«بۈگۈنكى كۈندە، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىر يىلدا 130 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىغان بولدۇق.» باش شۇجىنىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئابدۇقېيۇم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنى ئۆيىمىزگە يەنە كېلىپ مېھمان بولۇشقا، تۇرمۇشىمىزدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغۇم بار.
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىتتىپاق - دوستانە ئۆتۈپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرمەكتە»
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، «خەلق نەمۇنىچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن بۇرماقان مولدومۇ باش شۇجىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
«باش شۇجىغا ئېيتىدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى.» بۇرماقان مولدو مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق ئىپادىلىدى، باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.
شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى 56 مىللەتنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىش خورى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەڭ شېرىن مېۋىسى.
70 يىل گۈزەل مېلودىيەگە ئوخشايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسى ياڭرىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقماقتا.
«باش شۇجىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم، زور ئىلھام ئالدىم، غەيرىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.» ئۇلۇغچات ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئايىمسا توختاخۇن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بۇرچىمىزنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئەڭ كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ كەڭ ئەقىل - پاراسەتنى توپلاپ، ئەڭ كەڭ كۈچنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»دە كۆرسىتىلگەن باش شۇجىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز چاۋاك چېلىپ كەتتى: «بۇ يىللاردا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىتتىپاق - دوستانە ئۆتۈپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرمەكتە».
كۆپ يىللاردىن بۇيان، سالىقجان ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. «مەن سىجىل داۋاملاشتۇرۇپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمەن».
جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى.
دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولغان يارغول قەدىمىي شەھىرى جۇڭخۇانىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ بىر مۇھىم گۇۋاھچىسى. 2022 - يىلى تومۇز كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي چوڭ يولنى بويلاپ، قوۋۇقتىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىرىپ، تارىختىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى.
بۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى يارغول قەدىمىي شەھىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەندۇڭنىڭ كاللىسىغا ئىزچىل ئورناپ كەتتى، «باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى بىزگە غايەت زور ئىلھام بولدى. بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، يېقىندا بۇ جايدىكى قىسمەن رايون ۋە مىڭ يىللىق تاش غارلارنى تۇنجى قېتىم ئاممىغا ئېچىۋەتتۇق، زامانىۋى رەقەملىك تېخنىكا، چۆكۈش شەكلىدە كېچىلىك ساياھەتنى ھېس قىلىش ئۇزاق، شانلىق تارىخىي مەدەنىيەتنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى».
«باش شۇجىنىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، پۈتۈن تەتقىقات ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يارغول قەدىمىي شەھىرىنى ياخشى قوغداپ، يارغول ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى، ئۇلار بەس - بەستە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ ھەم ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا ھەقىقىي، جانلىق تارىخنى چۈشەندۈرۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مىللەت ھېسسىياتىنى مۇجەسسەملەش، مىللەت روھىغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېدى ۋاڭ جيەندۇڭ.
«باش شۇجىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىم مېنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»
2021 - يىلى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا مەمەتجان ئۆمەرگە «1 - ئىيۇل ئوردېنى» بەردى. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ، مەمەتجان ئۆمەر شىنجاڭدا باش شۇجى بىلەن يەنە كۆرۈشتى.
«باش شۇجىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىم مېنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.» ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، لېكىن ھەر قېتىم ئوردېننى سىيلىغىنىمدا يەنىلا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىمەن. «پەقەت قولۇمنى ئىشقا سالالىسام، پۇتۇمنى ھەرىكەتلەندۈرەلىسەم، سۆزلىيەلىسەملا، مەن پۇقرالارغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن».
باش شۇجىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغاندا، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى ئىجلىن مودۇن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ ۋېنشيۇ 1 - رەتتە تۇردى.
«مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، باش شۇجى ياخشىمۇ سىز دەپ توختىماي توۋلاپ، قەلبىمدىكى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى ئىپادىلىدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: ياخشى كۈنلىرىمىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلدى، «كەنتىمىزدە ھازىر يوللار كېڭەيدى، چىراغلار يورۇدى، ئۆيلەر چىرايلىق بولۇپ كەتتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىمىز 28 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن ئەستايىدىللىق بىلەن، ئاممىنى بېيىش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيمەن!»
باش شۇجىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىك خەۋىرى تېزدىن جۇڭگو زېمىنىغا كەڭ تارقىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسىنى تەسىرلەندۈردى. ھەرقايسى تور سۇپىلىرىدا كۆرۈش قىزغىنلىقى تېز ئاشتى، بولۇپمۇ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «ئېكراننى يېڭىلاش ئەندىزىسى»نى قوزغاتتى. «چەكسىز روھلاندۇق! چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق!» «باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز!»... ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ ئىنكاس رايونىدا تورداشلار بەس - بەستە سۆز قالدۇردى.
كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يولى چوقۇم ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ شانلىق ۋە پارلاق بولىدۇ!
(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ نا، لى جيانى، سى لۇلۇ، جاڭ يەنفاڭ، گو لىڭ، ياڭ شۇخەن، چېن جياڭلىن)