□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاۋ چاۋ، خەن جيې
بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ.
«14 - بەش يىل» پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىدىغان پەيتتە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2025 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2026 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتىنى ھەيدەپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقتى.
ئىشەنچ ۋە ئىرادە: «دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى»
2025 - يىل، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل.
بۇ يىلدىن بۇيان، خەلقئارا مۇھىتتا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى تىپ ئۆزگەرتىپ تەڭشەش خىرىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىش بېسىمى بەلگىلىك ئاشتى.
دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
«دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.» 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى.
بۇ، بىر ناھايىتى قىممەتلىك، كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجە قەغىزى −
ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 140 تىرىليون يۈەن ئەتراپىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تاشقى سودا بىرقەدەر تېز ئاشتى، ئېكسپورتنىڭ كۆپ خىللىشىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى؛
زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېببىي دورا، ماشىنا ئادەم قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئەمەلىي قوللىنىش دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى؛
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تەرتىپكە سېلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى؛
نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشتە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزى تەرتىپلىك ئالماشتۇرۇلدى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكى ساقلاپ قېلىندى؛
خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، بالا بېقىش ياردەم پۇلى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ بىر يىللىق ھەقسىز مائارىپى قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى سىجىل ئۆستى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى...
بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ تاۋلىنىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگەن 2025 - يىلىدا، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە ئىكەنلىكى تېخىمۇ نامايان بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىلىرىنى بىر - بىرلەپ تەپسىلىي ساناپ چىقتى: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىگە دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارىدى» «تېخىمۇ كۆپ ماركا مەملىكەت سىرتىدا نام چىقاردى» «APEC كۆك ئاسمىنى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى» «تىنچ - ئامان جۇڭگو گۈزەل دۆلەت نام كارتىسىغا ئايلاندى»...
«بىز تۈرلۈك زەربە، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتقا يۈكسەك باھا بەردى.
بۇ، ئىشەنچ ۋە ئورتاق تونۇشنىڭ مۇجەسسەملىنىشى.
12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىپ، تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى، تەكلىپ بەردى.
كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.
ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىندى، ئېگىزدە تۇرۇپ كەلگۈسى پىلانلاندى.
يىغىندا ئومۇملۇق كۆزدە تۇتۇلۇپ، تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرى چوڭقۇرلىشىش، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش كۈچلۈك بولۇش بىلەن ئېھتىياج ئاجىز بولۇشنىڭ زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇش، نۇقتىلىق ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر بىرقەدەر كۆپ بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن كونا مەسىلىلەر ۋە يېڭى خىرىسلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى.
«بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تەرەققىيات جەريانىدىكى، تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى مەسىلىلەر بولۇپ، ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدۇ، لېكىن تىرىشىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە يۈكسىلىشىدىكى تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز ۋە كېڭەيتىشىمىز كېرەك.
سەگەكلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىش دەۋر تومۇرىنى دەل جايىدا ئىگىلەشتىن كەلگەن.
ئىلگىرىكى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاساسىدا، بۇ قېتىمقى يىغىندا پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خۇلاسىلەندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەش جەزمەن» ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان يېڭى تونۇش ۋە تەسىراتىنى يىغىنچاقلىدى −
«جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ چىقىش»تا، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل، بازار كۆلىمى غايەت زور، ئىختىساسلىقلار بايلىقى مول بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛
«جەزمەن سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش»تا، ھەم ماكرولۇق سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىش، ھەم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛
«جەزمەن ھەم <قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش>، ھەم <ياخشى باشقۇرۇش>نى ئىشقا ئاشۇرۇش»تا، «قويۇۋېتىش»نىڭ مەقسىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىش، «باشقۇرۇش»نىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى قانۇنچىل ئىگىلىك بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى؛
«جەزمەن نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش»تا، ھەم ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش، ھەم ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛
«جەزمەن جاپالىق مەشىق قىلىپ ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش»تا، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئالدىدا، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق قارىدى: «بەش جەزمەن» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىلمىي مېتودولوگىيە بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى يېڭى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئورتاق تونۇش قوزغىدى ۋە كۈچلۈك ئىشەنچنى ئۇرغۇتتى: «تىرىشىپ ئىستېمال ۋە سېلىنمىنى كېڭەيتىش، پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە شەكىللەندۈرۈش» «جايلار ۋە كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىقتىسادنىڭ ئىچكى ئېشىشقا تېخىمۇ كۆپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش» «ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش».
يۆنىلىش ۋە يول: «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»
2026 - يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگو ئىقتىساد پاراخوتى يېڭى باشلىنىشنى كۈتۈۋالىدۇ.
كەلگۈسى ئارزۇغا ئىنتىلىش يېڭى مۇساپىسىدە، كەڭ سۇ رايونى بار، يەنە شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللارمۇ بار −
دۇنياغا نەزەر سالساق، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭقۇر تەڭشىلىش بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىركىشىشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.
دۆلەت ئىچىگە نەزەر سالساق، تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتماقتا، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك.
ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى پۇرسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خىرىس كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدۇ.
«يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش»؛
«دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كۈرىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش»؛
«ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش»؛
...
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈپ، باشلىنىش يىلىدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
«مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»، بۇ سۆزلەر 2026 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە يەنىلا ئىزچىل چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مېتودولوگىيە.
«مۇقىم بولۇشى» بىلەن «ئىلگىرىلەش»نى بىرتۇتاش پىلانلاشتا، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
− تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. زۆرۈر مالىيە قىزىل رەقىمى، قەرز ئومۇمىي كۆلىمى ۋە چىقىم ئومۇمىي مىقدارىنى ساقلاش كېرەك.
− مۇۋاپىق ھەم كەڭ پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە كۈچەپ مەدەت بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك.
− ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە غەيرىي ئىقتىسادىي سىياسەت، ساقلانما سىياسەت ۋە كۆپەيمە سىياسەتنى ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشقا كىرگۈزۈش كېرەك.
يىغىندا ماكرولۇق سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىسى جەھەتتە، «تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەت»نى داۋاملىق يولغا قويۇش مۇقىملىق سىگنالى ئارقىلىق، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مىقداردىن سۈپەتكە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش تېزلىتىلدى.
يىغىنغا قاتناشقان بىر يولداش چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كېلەر يىللىق سىياسەت يۈزلىنىشىنىڭ «مۇقىم بولۇشى» ۋە «ئىلگىرىلىشى» ئاساسىدا، «سۈپەت» ۋە «ئۈنۈم» تەكىتلىنىپ، ھەم ماكرولۇق سىياسەتنىڭ «مۇقىم بولۇش» سىگنالى تارقىتىلىپ، ھەم «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىشىغا ئۇيغۇنلىشىپ ئەلالاشتۇرۇش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپ، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلىگەنلىكى نامايان قىلىندى.
«سۈپەت» بىلەن «ئۈنۈم»نى ئۆستۈرۈشتە، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
تېخىمۇ مۇقىمسىز، ئېنىقسىز بولغان دۇنيادا تەرەققىياتنى كۆزلەپ، پەقەت ئۆز يولىدا ياخشى ماڭغاندىلا، ئاندىن «قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋەزىيەتتىمۇ يەنىلا تەمكىن بولغىلى»، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە باتۇرلۇق بىلەن يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.
يىغىندا «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار بەرپا قىلىش» باش ئورۇنغا قويۇلدى.
چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئىچكى ئىمكانىيەتلىك ئايلىنىش.
ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.
«ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش» «ئىستېمال ساھەسىدىكى نامۇۋاپىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، مۇسابىقە ئىشلىرى، يېمەك - ئىچمەك، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش بىلەن بىللە، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇش» «خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، سېلىنمىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا، شەھەر يېڭىلاش مەبلەغ سېلىشتىكى مۇھىم ساھە»...
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلاردا، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچەش، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى گەۋدىلەندۈرۈش تەكىتلەندى.
ئاچقۇچ تۇتۇلدى، ئاساس تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلدى.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە، «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش» «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش» 12 تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ئىچىدىكى ئالدىنقى ئىككى ئورۇنغا تىزىلدى.
ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىشتۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىش»نى چۆرىدەپ يېڭى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ تۈرتكە بولغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، بېيجىڭ (بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي)، شاڭخەي (چاڭجياڭ دېلتىسى)، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيغىچە كېڭەيتىش، شاڭخەي خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى چاڭجياڭ دېلتىسىغىچە كېڭەيتىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت دۆلىتىمىزدىكى دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسلىق مەنبە رايوننى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش ئۈلگىسىنى تىكلەش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشنى ئىزاھلىدى.
ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى يېڭىلىق يارىتىشتا؛ يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم يول ئىختىساسلىقلارغا ئېرىشىشتە.
«مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىش»، بۇ يېڭى تەدبىر يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن يولداشنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
«مائارىپ ئاساس، پەن - تېخنىكا ئاچقۇچ، ئىختىساسلىقلار نېگىز، ئۈچىنىڭ ماس، يۇغۇرما تەرەققىياتى نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە گەۋدىلەندى، بۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا خەلقئارا رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ.» گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
ئىستراتېگىيە جەھەتتە تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولۇندى، تاكتىكا تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى.
ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ؛ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، كۆپ ساھەدە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ؛ ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ «قوش كاربون»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىلىدۇ؛ تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر پائال، پۇختا تۈگىتىلىدۇ.
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى نىزامى تۈزۈپ چىقىلىدۇ؛ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ؛ نۇقتىلىق شەھەرلەر توپىنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشى كۈچەيتىلىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ؛ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سىغىمنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ؛ ئۆي - زېمىن بازىرى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ... «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» چۆرىدىلىپ، يىغىندا بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش»تا قىسقا مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىنى بىرلەشتۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەم «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ئۈنۈملۈك خۇلاسىلىنىپ، ھەم «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
ئىتتىپاقلىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەش: «<15 - بەش يىل>دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»
ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىرادە شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
بۇ قېتىمقى يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر يولى، ۋەزىپىسى، سىياسىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بېكىتىلگەن ئىكەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار بىردەك ئومۇمىيەت قارىشى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك».
ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا، باش شۇجى ئىلگىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ ئىزاھلىدى.
«شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ ماھىيىتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش.» باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك، لېكىن ئۆزى بىلگەن يولنى تۇتۇشقا، تار مەھكىمىچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، پەرقلىق تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن راۋان بولۇش، ئىجرا قىلىش كۈچلۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
سىياسەت كۆزلىمىسى مۇقىم بولغاندا، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسى ئاندىن مۇقىم بولىدۇ.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاكتىپ، ئەمەلىي نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاھالىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىسلاھات بىلەن سىياسەتنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە بازار كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئىقتىساد خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتە، جەزمەن ئاچقۇچلۇق كۈچەش نۇقتىسىنى ئىگىلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشنى چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك؛ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ھازىر، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «تەكلىپ»ى بويىچە، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ھەم مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈۋاتىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، گىرەلەشكەن، تەكرارلانغان، ئەمەلىي ئۈنۈمى كەمچىل بولغان يىرىك پىلان تۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىخچاملاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاننىڭ زىيادە كۆپ، قالايمىقان بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بارلىق يىرىك پىلاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىي بولغان، ساختىلىق بولمىغان ئېشىشقا ئىنتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك».
كەلگۈسى بەش يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ياخشى باشلىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق.
جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈچلۈك چاقىرىق قىلدى: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، <15 - بەش يىل>دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)