□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ
«بۇ ئىككى ۋۇداۋخېي بېلىقىنىڭ بېلىق ئىدىشىدا ياشاۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشتى، ئۇلار ھەم چوڭ، ھەم چىرايلىق بولۇپ، قارىمىقىمىزدىكى ئۈچ چوڭ بېلىقچىلىق بازىسىنى خېرىدارلارغا تونۇشتۇرۇشىمىزدىكى ئوبراز ئەلچىسى.» 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شىنجاڭ خاۋيۈەن بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما ياۋخۇي مۇخبىرغا شۇنداق دەپ تونۇشتۇردى. شۇ كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى شىمىگۇ فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىگە كېلىپ، كارخانىلارنىڭ بۇ جايدا تەرەققىي قىلىپ «بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك» بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.
2024 - يىلى، شىنجاڭ خاۋيۈەن بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، پىششىقلاش - سېتىش، بېلىقچىلىق بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈرنى قۇرۇپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، بۇ يىل ئوكۇن بېلىقىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىلا 300 − 400 توننىغا يەتتى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق سودا ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شوۋياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىمىگۇ فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكى داۋاملىق تۈردە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا يىغىن - كۆرگەزمە، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە پەرقلىق ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت پايدىسى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرىدۇ.
«بىز ئوكۇن بېلىقى، خۇابەيليەن بېلىقى، سالمون بېلىقى باقمىچىلىق كەسپىنى پىلانلاپ، كەلگۈسىدە مەھسۇلات مىقدارىنى 1000 توننىدىن ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدۇق، يۈرۈشلەشكەن دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاشنى ماس ئالغا سىلجىتىمىز. مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كەڭ خەلقئارا بازار ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز» دېدى ما ياۋخۇي.
ئوخشاشلا ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى جۇڭگو ئامانلىق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتىمۇ سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تەدرىجىي ھالدا «پەن - تېخنىكا − كەسىپ − پۇل مۇئامىلە» يۆنىلىشىگە قاراپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلماقتا.
ئامانلىق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتىىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور چيۇ جىنچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز جۇڭگو كارخانىلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنى پائال قوللاپ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى تارماق شىركىتى قۇرۇش ئارقىلىق، سۇغۇرتا ئەركىن سودا سىناق رايونىغا مۇلازىمەت قىلىش تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامانلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىجارىگە بېرىش كەسپى چېگرا ھالقىغان سودىغا قاتناشقان كارخانىلارنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش - ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ مۈلۈكنى جانلاندۇرۇشى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. «بىز كارخانىلار بىلەن يۈزتۇرا ئالاقە ئورنىتىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئۆز تەرەققىيات سۈرئىتىمىزنىمۇ تېزلەتتۇق» دېدى چيۇ جىنچىڭ.
شىمىگۇ فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكى سىياسەت پايدىسى ۋە رايون بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خۇاشيا بانكىسى، جۇڭگو خىمىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى قاتارلىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن ئىككىسىنىڭ رايون باش ئىشتابىنى جەلپ قىلدى، خۇاماۋ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى، جۇڭيەن ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، خۇالىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كارخانىلار ماكانلاشتى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ شىمىگۇ فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن يەتتىسىنى ۋە جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 12سىنى رايون باش ئىشتابى ياكى فۇنكسىيەلىك ئاپپارات تەسىس قىلىشقا جەلپ قىلدى.