گېزىتىمىز، تۇرپان، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىغا كېلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى تاماملاش، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
بېزەكلىك مىڭئۆيىدە، ئەركىن تۇنىياز تاش غارلارنىڭ قېزىلىش تارىخى، بەدىئىي ئۇسلۇب، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇم، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۆرگەزمە قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
شىنجاڭ تۇرپان تەبىئىي مۇھىت تەجرىبە تەتقىقات مەركىزىدە ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زور ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «قۇرغاق ئىسسىق» ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك تۈرلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىسسىق رايون تەجرىبە مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تۇرپاننىڭ «ئىسسىقلىق بايلىقى»نى «قىزىق كەسىپ»كە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئىدىقۇت رايونلۇق ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز كۆزنەكتىكى مۇلازىمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسەتكە پىششىق، قانۇنغا پىششىق، تەرتىپكە پىششىق، كەسىپكە پىششىق كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا ئىشلەش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يۆشىن يېشىل (شىنجاڭ) ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ۋۇشياۋ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش مەنزىرىسىنى كېڭەيتىپ، زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنى توپلىشىشقا جەلپ قىلىپ، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش كەسىپ توپى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.
شىنجاڭ لوۋلەن چىڭيۈەن مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەھسۇلات سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، داڭلىق ماركىنى كۈچەيتىپ، تۇرپاننىڭ خاس باغۋەنچىلىك ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: تۇرپان شەھىرىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، ھەم تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولۇشنى نامايان قىلىپ، ھەم ھەقىقىي يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك. ئۆز ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، يېزا ئىگىلىكى، كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز، يېڭى ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى تېزلىتىش كېرەك. نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.