□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
«دادا، ئاپا، مەن دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم!» يېقىندا، تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى روشەنگۈل جۈمەنىياز خۇشال ھالدا ئائىلىسىدىكىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى ھەمبەھرىلىدى. 6000 يۈەن مۇكاپات پۇل ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىگە بولغان ئېتىراپ قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدىكى مۇستەھكەم، ئىللىق تىرەككە ئايلاندى.
«ئاتا - ئانام ناھايىتى خۇشال بولدى، مېنى مەغرۇرلانماي، داۋاملىق تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈردى!» دېدى روشەنگۈل تارتىنىپ تۇرۇپ.
روشەنگۈل قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسىدىكى بىر دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، 2024 - يىلى تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. مەكتەپتىكى مەزگىلدە، ئۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئاكتىپ قاتناشتى، يەنە ھايۋانات ئاناتومىيەسى مۇسابىقىسىدە ماھارىتىنى تاۋلىدى، نەتىجىسى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
«غەم - ئەندىشەم تۈگىگەچكە، ئۆگىنىشكە بولغان غەيرىتىم تېخىمۇ تولۇپ تاشتى! يەنە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم ۋە جاسارىتىم تېخىمۇ ئاشتى.» روشەنگۈل مۇنداق دېدى: مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، مەكتەپ ئائىلىمىزنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلە ئىكەنلىكى، كىرىم مەنبەيىمىزنىڭ بىرلا خىل ئىكەنلىكى، ئىقتىسادىي بېسىم بارلىقىنى بىلىپ، مېنى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە مېنى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل تارقىتىلغان ئىقتىسادىي ياردەم پۇل مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى 2300 يۈەندىن ئۆسۈپ 3700 يۈەنگە يەتتى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى قوشقاندا، مېنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇش پۇلۇم ھەل بولدى.
تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، روشەنگۈلگە ئوخشاش ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار يەنە ناھايىتى كۆپ. بۇ يىل، بۇ مەكتەپ 16 مىليون 750 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى تارقىتىپ، 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يار - يۆلەك بولۇش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشىمىز ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كاپالەتلەندۈرۈشتىن مۇكاپات خاراكتېرلىك رىغبەتلەندۈرۈشكىچە، خىراجەتنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىشتىن مەخسۇس ياردەم پۇل بېرىشكىچە بولغان ھەر تەرەپلىمە قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەكتىپىمىز ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش بىلەن ئادەم تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىننەتدارلىق ئېڭى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، رىغبەتلەندۈرۈش تەربىيەسى، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم قۇرۇلۇش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەل جايىدا بېكىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، مېيىپلەر قاتارلىق 13 تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى بىلەن تولۇق قاپلاپ، بىرمۇ بالىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ «ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، ئوقۇش ھەققىنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، ياردەم پۇل بېرىش»تىن ئىبارەت ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن ئىقتىسادىي ياردەم سىستېمىسى بەرپا قىلدى، بۇ، پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچى، پۈتۈن تۈر تىپىدىكى مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى قاپلىدى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى قاتارلىق جەمئىي 30 تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تەسىس قىلدى، ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى 10 يىلدا 4.5 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى پۈتۈن شىنجاڭدىكى جەمئىي 20 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈپ، بالىلارنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك غىزالىنىش، تېخىمۇ خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم سىياسىتىنىڭ ئىللىقلىقى روشەنگۈلگە ئوخشاش نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، دادىللىق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىشىگە ياردەم بەرمەكتە.