□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
«دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە يۈكسىلىشىگە تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى.» مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.» بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا چىقىرىلغان مۇھىم ھۆكۈم بولۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.
شىنجاڭ بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر چىن چۈەنجىن مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بەش جەزمەن»دىن ئىبارەت قانۇنىيەتلىك تونۇشتا تەرەققىياتنىڭ يادرولۇق لوگىكىسى دەل جايىدا ئىگىلەندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئېنىق يولنى بېكىتىپ بەردى. شىنجاڭ بانكىسى شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولىدۇ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ. مەۋقەنى يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكا خاسلىقىغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىككە بولغان پۇل مۇئامىلە مەدىتى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، پۇل مۇئامىلىدىكى «بەش چوڭ ئىش»نى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، خەۋپ - خەتەر تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىشتۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلۇق (يېڭىشەھەر رايونلۇق) پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى) ۋاڭ جىجۈننى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى. شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئىزچىل تۈردە پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئاساس، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ۋاسىتە، يېڭى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى تىرەك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ «پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسى»نى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى «قۇۋۋەت»كە ئايلاندۇردى.
ۋاڭ جىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم تېمىنى نىشانلاپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ئادەم تەربىيەلەش، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات بويىچە ماسلىشىش قاتارلىق خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سودىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى، پەن - تېخنىكا ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكىنىڭ دەستىلەنمە ئۈنۈمى ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.
شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. گۇرۇھىمىز تۈۋرۈك كەسىپ، بەخت - سائادەت كەسپى، خەلق تۇرمۇشى كەسپىنى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «كۈسەن»گە تايىنىپ، ساياھەت ئويۇنى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، رەقەملىك مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق كەسىپ ھالىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتلىك مېھمانساراي داڭلىق ماركىسى، ساياھەت مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان كەسىپ توپى ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان، چۆكۈش شەكلىدىكى، خاسلاشقان ساياھەت ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.
«مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ ساھەدە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ئۈرۈمچى تاموژنىسى كارخانا باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جۈن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاقىل تاموژنا قۇرۇلۇشى، «ئاقىل تاموژنا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش» ھەرىكىتىنى شىنجاڭنىڭ پورت قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، تاشيول، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتىدا «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىسلاھاتىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇپ، يول ئۈنۈمىنى ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاشقا كۈچ قوشتى.
(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ يۇڭفېي، چېن چياڭۋېي)