
12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، خىزمەتچى خادىم لوپ ناھىيەسى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ سىجىخۇڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ چىلان پىششىقلاش زاۋۇتىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
بۇ شىركەت چىلان ئۆستۈرۈش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال كارخانا بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك چىلان مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر ئېچىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، 100دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. □ مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى