□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي
«مەن بۇ كەنتتە ئولتۇرالىسام قانائەتلەنگەن بولاتتىم!» 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسى يۇلغۇنئېرىق كەنتىدىكى ھويلىسى بار ئىككى قەۋەتلىك داچىلارغا قاراپ، مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن چاقىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاۋ شۆلۇڭ ھاياجېنىنى باسالماي قالدى. قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن چاقىلىققا كېلىپ خىزمەت قىلغان بۇ كادىر ھەر قېتىم بۇ كەنتكە كىرگەندە، مۇشۇنداق دەپ تەرىپلەيتتى.
ئىلگىرى «ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە ئادەمنىڭ ئۈستبېشى توپا بولۇپ كېتىدىغان، يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئاياغلىرى لاي بولۇپ كېتىدىغان» بۇ كىچىك كەنتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەھەرلىكلەر تەلپۈنىدىغان ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۆھەر تۇپراققا ئايلىنىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز.
چاقىلىق ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ناچار تەبىئىي مۇھىت يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن توسالغۇ ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىلگىرى، يۇلغۇنئېرىق كەنتىدە ئۇل ئەسلىھەلەر ئاجىز، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئارقىدا قالغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىرمەھەل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.
«مەن سىلەرگە سۇ قاينىتىپ چاي دەملەپ بېرەي.» كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنجان مەمەت سۆزلىگەچ تەبىئىي گاز ئوچىقىنى ياندۇردى. «قاراڭلار، ھازىر نېمىدېگەن قولايلىق، بىر ئايدا يېقىلغۇ گاز ھەققى ئۈچۈن نەچچە ئون يۈەنلا تاپشۇرىمىز، پاكىز ھەم پۇل تېجەپ قالىمىز.» ئۇ ئوچاق ئۈستىدىكى چەينەكنى ئېلىپ چايقىدى، چەينەكنىڭ تېگى پاكىز ئىدى، «بۇ چەينەكتە ئازراقمۇ دۇغ يوق، بىز ھەممىمىز خاتىرجەم سۇ ئىچەلەيدىغان بولدۇق» دېدى تۇرسۇنجان ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرۇپ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا.
تۇرسۇنجاننى قانائەتلەندۈرگىنى يەنە سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا بولدى، «ئىلگىرىكى سۈيى يوق ھاجەتخانا ھەم مەينەت، ھەم سېسىق ئىدى، ھازىر قولايلىق ھەم پاكىز بولدى.» ئائىلىسىنىڭ كىرىمى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، تۇرسۇنجاننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم ئۈزۈلمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئائىلىسى 50 مو چىلانلىق بېغىدىن ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇقىم كىرىم قىلىدۇ، ئائىلىسى يەنە 70 نەچچە تۇياق قوي بېقىۋاتقان بولۇپ، بىر يىلدا يەنە 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. «شەھەرلىكلەردە بارلىرى بىزدە بار، شەھەرلىكلەردە يوقلىرىمۇ بىزدە بار، بۇنداق كۈنلەرنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق» دېدى ئۇ.
تۇرسۇنجاننىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر دەل چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۇ ناھىيە قۇرۇلۇش مەبلىغىنى يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېزىلارغا كېڭەيتىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن يېزىلارنى قاپلاش، شەھەر مەدەنىيلىكى ئارقىلىق يېزىلارغا تەسىر كۆرسىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش، يېقىلغۇ گاز، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
قاتار - قاتار كىچىك داچىلار رەتلىك سېلىنغان بولۇپ، ھەربىر كوچا ئېغىزىدا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يىغىش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى. چاقىلىق ناھىيەسى كەسپىي مۇھىت تازىلىقى شىركىتىنى مەخسۇس كىرگۈزۈپ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈردى، بۈگۈنكى كۈندە يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %98كە يەتتى. «كۆپچىلىك ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردى» دېدى كەنت ئېغىزىدىكى ئەخلەت يىغىش نۇقتىسىدا ئەخلەت تازىلاش - توشۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقان يۇلغۇنئېرىق كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شى جيەنلۇڭ.
مۇخبىر كەنت ئاھالىسى سۇڭ لىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنا ئۆي ئازادە ۋە پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغان، ھويلا پاكىز، رەتلىك ئىدى. سۇڭ لى تامنىڭ بۇلۇڭىدىكى كۆزگە چېلىقمايدىغان سۇ چىقىرىۋېتىش ئېغىزىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇلغىما چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ تۇرۇبا تورىغا بىۋاسىتە ئۇلاندى، پاسكىنا سۇنى چىقىرىۋېتىش بەك قولايلىق».
تۇرمۇشتىكى بۇ قولايلىق ئىشلار خېلى بۇرۇنلا يۇلغۇنئېرىق كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى دائىملىق ئەھۋالغا ئايلانغانىدى. سۇڭ لىنىڭ ئوغلى سۇڭ خەييىن ئىلگىرى باشقا جايدىكى بىر كارخانىدا خىزمەت قىلاتتى، بەش يىل ئىلگىرى ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ كەنتكە قايتىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ 60 مودىن ئارتۇق يەردىكى چىلانلىق بېغىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. «ھازىر كەنتىمىزنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى شەھەرنىڭكىدىن ياخشى، تاپىدىغان پۇلىمىز شەھەردىكىدىن ئاز ئەمەس، يەنە ئاتا - ئانىمىزغا ھەمراھ بولالايمىز، كۆڭلىمىز ناھايىتى خاتىرجەم» دېدى سۇڭ خەييىن.
يوقلاپ كەلگەن كەنت ئاھالىسى شۆ جىنليەن مۇنداق دېدى: بالىمىزنىڭ ئىشقا بېرىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ناھىيە بازىرىدىن بىر يۈرۈش بىنا ئۆي سېتىۋالدۇق، «بالام بىزنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ تۇرغۇزماقچى، مېنىڭچە يەنىلا كەنتتە تۇرساق كۈنلىرىمىز كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ».
كەنت ئېغىزىدا، مۇخبىر ناھىيە بازىرىدا ئىش بېجىرىپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىسى رەجەپ تۇرسۇننى ئۇچراتتى. «كەنت ئېغىزىدىلا ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى بار، ئون مىنۇتتا بىر نۆۋەتچى ئاپتوبۇس قاتنايدۇ، بىردەمدىلا ناھىيە بازىرىغا بارغىلى بولىدۇ، بەك قولايلىق.» ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە يەنە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت نۇقتىسى بار، توردىن نەرسە سېتىۋالساق ئىشىك ئالدىغىچە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەمدى پوسۇلكىلارنى ئالايىتەن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئېلىۋالمىساقمۇ بولىدىغان بولدى. «ئائىلىمىزنىڭ چىلانلىرى يەنە كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىت - نۇقتىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىدۇ، سېتىلىش مىقدارى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى».
بۈگۈنكى كۈندە، چاقىلىق ناھىيە بازىرى بىلەن ئەتراپتىكى يېزا - بازار مەمۇرىي كەنتلىرى ئارىسىدىكى ئاممىۋى قاتناشنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %100كە يەتتى، كەنت دەرىجىلىك تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت پونكىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ ئۆزگىرىشلەر شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى يەنىمۇ كىچىكلىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە.
كەنت ئاھالىلىرىنى ھەسسىلەپ خاتىرجەم قىلغىنى يەنە مائارىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ئوخشاش ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلغانلىقى بولدى. «ھازىر يېزا - كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، يەنە شەھەردىكى مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى» دېدى تۇرسۇنجان مۇخبىرغا.
مۇھىت گۈزەللەشتى، كەسىپلەر گۈللەندى، خەلق قەلبى ئىللىدى، يېزىلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بارغانسېرى زورايدى. «ھازىر ھەر قېتىم ھەپتە ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى كەلگەندە، نۇرغۇن كىشى سەيلە - ساياھەت قىلغىلى، دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلغىلى كېلىدۇ.» شى جيەنلۇڭ ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەتتا كەنتىمىزدىكى سىرتتا ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغان كەنت ئاھالىلىرى ۋە يېڭىلا داشۆ پۈتكۈزگەنلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن كەنتكە قايتىپ كەلدى، بەزىلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق چىلان ساتتى، بەزىلىرى ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، ھەممەيلەن ئىشىك ئالدىدىلا پۇل تاپالايدىغان بولدى».