□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
قانۇنىيەتنى تونۇش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى.
جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ چىقىش، جەزمەن سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش» ھەم «ياخشى باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، جەزمەن نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جاپالىق مەشىق قىلىپ ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا يىغىنچاقلىنىپ تاۋلانغان بۇ «بەش جەزمەن» پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئاساسىدا يېڭى ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدۇ، بۇ «بەش جەزمەن» «15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.
شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىش دەل كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇش، بازار كۆلىمى غايەت زور بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يوشۇرۇن كۈچنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇش ئۈچۈندۇر؛ سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش دەل كونا مەسىلىلەر، يېڭى خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشنى پۇختا قىلىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر؛ ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش» ھەم «ياخشى باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش دەل بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر؛ نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش دەل ماددىي كاپىتال بىلەن ئادەم كۈچى كاپىتالى جۇغلانمىسىنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنىڭ قوش يۆنىلىشلىك قۇۋۋەت قوشۇشى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر؛ جاپالىق مەشىق قىلىپ ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش دەل تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، دەھشەتلىك دولقۇندا باشتىن - ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇش ئۈچۈندۇر.
بۇ يەردە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا «جەزمەن سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش» توغرىسىدا چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ باقايلى.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بىز تۈرلۈك زەربە ۋە خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇ، ئىسلاھاتنىڭ كۈچ قوشۇشى، سىياسەتنىڭ كۈچ بېرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، «بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى (2025 - يىل نەشرى)»نى ئېلان قىلىشتىن پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكىچە، بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى. ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئابىدىلىك تەدبىر» قوللىنىپ، بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەرنى كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كۈچەپ كېڭەيتىلىپ، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى جارى قىلدۇرۇلۇپ، سىياسەتنى ئىزچىللىق، مۇقىملىقنى ساقلاش ئاساسىدا تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇش، جانلىق بولۇشقا ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى داۋامىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان داۋالغۇش ۋاقتىدا تىزگىنلەندى.
ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا جەزمەن ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى قولدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ھەم ماكرو سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادنىڭ داۋالغۇشىنى يېنىكلىتىش كېرەك؛ ھەم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، جايلار ۋە كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىقتىسادنى ئىچكى ئامىللىق ئېشىشقا تېخىمۇ كۆپ قارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا، سىياسەت مەدىتى جەھەتتە، يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك» «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساقلانما سىياسەت ۋە كۆپەيمە سىياسەتنىڭ توپلانما ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە ھالقىما دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك»؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، يىغىندا «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىش» «ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش» قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا دائىر بىر تۈركۈم كونكرېت تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇشتا، نامايان قىلىنغىنى سىستېما قارىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشى بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىر نىشانغا قاراپ كۈچەپ، ماسلىشىپ كۈچەپ، ھەم داۋالغۇشنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتەلەيدۇ، ھەم ھاياتىي كۈچنى تولۇق ئۇرغۇتالايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا داۋان ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش داۋامىدا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «بەش جەزمەن»گە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، چوقۇم «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتىدارى، تەرەققىيات ئىقتىدارى، سىجىل داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)